ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئاقىلانە ئىشلىتىش قوللانمىسى

Translations

Access the Guide in more than 25 languages.

باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلار

ۋىرۇس ۋە باكتېرىيە ھەر ئىككىسى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما ئانتىبىيوتىك دورىلار پەقەت باكتېرىيەگە قارشى ئىشلەيدۇ.

ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىش

  • زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام، ئانگىنا، بوغۇز ياللۇغى، كۆكرەك زۇكام (كانايچە ياللۇغى) ۋە گال ئاغرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  • ئادەتتە باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشقا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭرى تارقىلىدۇ.  ئەگەر ئائىلىدە بىردىن كۆپ ئادەم ئوخشاش كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا، چوڭ ئېھتىمالدا ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىش بولۇشى مۇمكىن.
  • سىزنى باكتېرىيەدىن يۇقۇملانغانغا ئوخشاش كېسەل قىلىپ قويىد ۇ.
  • ئادەتتە 5-4 كۈندە ياخشىلىنىش بولىدۇ، ئەمما تولۇق ئەسلىگە كېلىش
    ئۈچۈن ئۈچ ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش

  • ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا قارىغاندا ئاز ئۇچرايدۇ.
  •  ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىشقا ئوخشاش بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە ئاسان يۇقمايدۇ.
  • كۆپ ئۇچرايدىغان مىساللار، باكتېرىيەلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى ۋە بىر قىسىم ئۆپكە
    ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى چىدامچانلىق

ئانتىبىيوتىك دورىلارنى توغرا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى چىدامچانلىق كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

قول يۇيۇش

قول يۇيۇش يۇقۇملىنىشنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.

قىزىتما

قىزىتما بولسا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى بولۇپ، كۆپىنچە ھالدا كېسەللىك سەۋەبىدىن بولىدۇ. تېرىنىڭ قىزىل، قىززىق ۋە قۇرغاق بولۇشى ھەتتا بۇ ئەھۋال قولتۇقتا يۈ بەرسىمۇ، بۇ قىزىشنىڭ ئالامىتى. تېمپېراتۇرىڭىز ياكى بالىڭىزنىڭ تېمپېراتۇرىسى سىلەرنىڭ قەيەردە ئۆلچىگەنلىكىڭلارغا باغلىق.

قىزىتما

  • بەدەننىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
  • ۋىرۇسلۇق ۋە باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولالايدۇ.

تەدبىرلەر:

  • قىزىتما بولسا بەدەننىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان قوغداش مېخانىزمى. ۋىرۇسلۇق ۋە باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش بىلەن قىزىتما پەيدا بولالايدۇ.
  • ئەگەر قىزىتمىسى بار ئادەم بىئارام بولسا، ئاتسېتامىنوفېن ياكى ئىبۇپروفېن (ئورالمىسىدىكى كۆرسەتمە بويىچە) ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ.
  • ئۆزىڭىز ياكى بالىڭىزنى يېنىكرەك كىيىم بىلەن كىيىندۈرۈڭ، شۇ ئارقىلىق تىترىمەستىن سالقىن تۇرالايسىز، چۈنكى تىترەش تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ. ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 20°C ئەتراپىدا ياكى ئازادە سالقىنراق ساقلاڭ.
  • سوغۇقراق سۇيۇقلۇقلارنى كۆپ ئىچىپ بېرىڭ. بالىڭىز ئويغانغاندا ھەر سائەتتە بالىڭىزغا سوغۇقراق سۇيۇقلۇق ياكى تاياق مۇز بېرىڭ.

ئەگەر ھەر قانداق ياشتىكى ئادەمدە قىزىتما ۋە تاشما پەيدا بولغان بولسا ۋە قىزىل كېسەل تارقىلىدىغان رايونغا بېرىپ باققان بولسا, Health Link (ئالبېرتادا 811 گە تېلېفون قىلىش) ئارقىلىق ئەڭ مۇناسىپ داۋالاش ھەققىدە مەسلىھەت سورىشى كېرەك.

زۇكام ۋە بۇرۇن ئېقىش

زۇكامنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زۇكامنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەخمىنەن 200 خىل ۋىرۇس بار. بالىلار ھەر يىلى 10 – 8 قېتىم زۇكام بولۇپ قالىدۇ. قورامىغا يەتكەنلەر ئازراق زۇكام بولىدۇ، چۈنكى ئۇلاردا بىر قىسىم ۋىرۇسلارغا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى بار. ئانتىبىيوتىك دورىلار زۇكام ۋىرۇسلىرىغا قارشى تۇرالمايدۇ.

ئالامەتلىرى:

  • باشتا باش ئاغرىش، قىزىش ۋە كۆز ياشاڭغىراش كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇرۇن ئېقىش، گال ئاغرىش، چۈشكۈرۈش ۋە يۆتەل ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
  • بۇرۇندىن ئاققان سۇيۇقلۇق باشتا سۈزۈكرەك بولىدۇ، ئەمما كېيىن قېنىق سېرىق ياكى يېشىلغا ئۆزگىرىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى:

  • زۇكامنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇسلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىڭىزنى يۇيۇڭ.
  • بالىلىرىڭىزغا قول يۇيۇشنى ئۆگىتىڭ.

تەدبىرلەر:

  • كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىڭ، بۇ ھەر قانداق تېمپېراتۇرىدىكى كىشىنى ئەڭ تىنچلاندۇرىدۇ.
  • ئەگەر زۇكام بولغان كىشى بىئارام بولسا، ئاتسېتامىنوفېن (تايلىنول) ياكى ئىبۇپروفېن (ئادۋىل) (ئورالمىسىدىكى كۆرسەتمە بويىچە) ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ.
  • ئەگەر سىزدە زۇكام بولسا ياكى زۇكام بولۇپ قالغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بولسىڭىز، دائىم قولىڭىزنى يۇيۇپ تۇرۇش ئارقىلىق باشقىلارغا يۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.
  • دىماغ راۋانلاشتۇرۇش دورىسى ياكى يۆتەل شەربىتى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن، ئەمما زۇكامنىڭ ئۇزۇنلىقىنى قىسقارتالمايدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ مەھسۇلاتلارنى بوۋاقلارغا ياكى ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا بەرمەڭ.

ئەسكەرتىش: دىماغ راۋانلاشتۇرۇش دورىسى ۋە يۆتەل شەربىتىدە قىزىتمىنى پەسەيتىدىغان دورا ماتېرىيالى بولۇشى مۇمكىن. بەلگىنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ ۋە دورىگەر ياكى دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، زىيادە ئىستېمال قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىڭ.

بولۇپمۇ بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلار ئۈچۈن، تۇز سۈيى بۇرۇن تامچىسى دورىسىنى ئىشلىتىپ، بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىشىنى داۋالاڭ. تۇز سۈيى بۇرۇن تامچىسى ياكى پۈركىمىسىنى سېتىۋېلىڭ ياكى ئۆزىڭىز تەييارلاڭ.

تۇز سۈيى تامچىسىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ئارىلاشتۇرۇڭ:

  • 1 ئىستاكان ( 240 مىللىمېتىر ) دىستىللەنگەن سۇ ( ئەگەر تۇرۇبا سۈيى ئىشلەتسىڭىز، ئاۋۋال بىر مىنۇت قاينىتىپ مىكروبسىزلاندۇرۇڭ، ئاندىن ئىلمان بولغۇچە سوۋۇتۇڭ )
  • يېرىم چاي قۇشۇق ى ( 2.5 g ) تۇز
  • يېرىم چاي قۇشۇق ى ( 2.5 g ) سودا

ئارىلاشما سۇيۇقلۇقنى تامچىلىغۇچىسى بار پاكىز قۇتىغا ياكى پۈركىگۈچلۈك قۇتىغا قويۇڭ (بۇلارنى دورىخانىلاردىن سېتىۋالالايسىز) سىقما شىپرىس (bulb syringe) نى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. سۇيۇقلۇقنى ھەر 3 كۈندە يېڭىدىن تەييارلاڭ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

  • •ئولتۇرۇپ بېشىڭىزنى سەل كەينىگە قارىتىڭ . يېتىۋالماڭ. تامچىلىغۇچلۇق، سىقما شىپرىسلىق ياكى پۈركىگۈچلۈك قۇتىنىڭ ئۇچىنى بىر بۇرۇن تۆشۈكىڭىزگە ئازراق تىقىڭ. ئاستا تامچىلىتىڭ ياكى بىر نەچچە تامچىنى بۇرۇن تۆشۈكىڭىزگە سىقىڭ. يۇقارقى باسقۇچنى يەنە بىر بۇرۇن تۆشۈكىىڭىزدە تەكرارلاڭ. ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن تامچىلىغۇچنى پاكىزە رەخت ياكى توقۇلمىلار بىلەن ياخشى سۈرتۈڭ.

تارقىلىشچان زۇكام

تارقىلىشچان زۇكام (ياكى زۇكام) نى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام بولغان قورامىغا يەتكەن كىشىلەر، كېسەللىك ئالامەتلىرى باشلانغاندىن كېيىن ۋىرۇسنى باشقىلارغا 3-5 كۈنگىچە تارقىتالايدۇ . تارقىلىشچان زۇكام بولغان بالىلار ۋىرۇسنى باشقىلارغا 7 كۈنگىچە تارقىتالايدۇ.

ئالامەتلىرى:

  • قىزىتما\سوغۇق تەرلەش
  • باش ئاغرىقى
  • مۇسكۇل ياكى بەدەن ئاغرىقى
  • ھارغىنلىق ھېس قىلىش
  • گال ئاغرىقى
  • بۇرۇنئېقىش ياكى ئېتىلىپ قېلىش\چۈشكۈرۈش
  • يۆتەل

ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى:

  • ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزۇڭ.
  • قولىڭىزنى يۇيۇپ تۇرۇڭ، بولۇپمۇ كېسەل بولغان ئادەم بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن . بالىڭىزغا قول يۇيۇشنى ئۆگىتىڭ.
  • چۈشكۈرگەندە ياكى يۆتەلگەندە بۇرنىڭىزنى ۋە ئاغزىڭىزنى ئېتىۋېلىڭ.
  • بالىڭىزغا يۆتەلگەندە قائىدە-يوسۇنغا ياخشى رېئايە قىلىشنى ئۆگىتىڭ.

تەدبىرلەر:

  • سۇ قاتارلىق سۇيۇقلۇقلارنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىڭ.
  • كۆپ ئارام ئېلىڭ ياكى بالىڭىزنى كۆپرەك ئارام ئالدۇرۇڭ . ئۆيدە تۇرۇڭ ياكى بالىڭىزنى كېسەل بولۇپ قالغان دەسلەپكى كۈنلىرىدە ئۆيدە ئارام ئالغۇزۇڭ ھەمدە باشقىلارغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.
  • قىزىتما، باش ئاغرىش ۋە بەدەن ئاغرىش ئالامەتلىرى ئۈچۈن ئاتسېتامىنوفېن (تايلىنول) ياكى ئىبۇپروفېن (ئادۋىل) (ئورالما قېپىدىكى كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن) ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ .

تارقىلىشچان زۇكام ئادەتتە ھەر يىلى نويابىر ياكى دېكابىردا باشلىنىپ، ئاپرېل ياكى مايدا ئاخىرلىشىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام ئاندا-ساندا ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

سىنۇس ياللۇغى

سىنۇسلار بولسا بۇرۇن ۋە كۆز ئەتراپىدىكى ھاۋا بىلەن تولغان بوشلۇقلاردۇر. سىنۇسلاردا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قالغاندا سىنۇس ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.
سىنۇس ياللۇغى كۆپىنچە زۇكامدىن كېيىن كۆرۈلىدۇ، ئەمما كۆپىنچە زۇكاملار باكتېرىيەلىك سىنۇس ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. سىنۇس ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى ئېغىرراق بولىدۇ ۋە زۇكامدىن ئۇزۇنراق داۋام قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئەگەر كېسەللىك ئالامەتلىرىدە گال ئاغرىش ۋە ياكى يۆتەل ئالامەتلىرى بار بولسا، زۇكام ۋە ياكى تارقىلىشچان زۇكام بۆلۈمىگە قاراڭ.

ئالامەتلىرى:

  • يۈز ئاغرىش ياكى بېسىم ھېس قىلىش، باش ئاغرىش، چىش ئاغرىش، ھارغىنلىق ھېس قىلىش، يۆتەل، قىزىش.
  • ئەگەر بۇرنىڭىز 10 كۈندىن ئارتۇق ئېتىلىپ قېلىپ سېرىق ياكى يېشىل رەڭلىق ئاقىدىغان بولسا، بۇ سىزنىڭ ئانتىبىيوتىك دورىلارغا ئېھتىياجىڭىز بار ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئالامىتىدۇر.

تەدبىرلەر:

  • ئاغرىق ۋە قىزىش ئۈچۈن ئاتسېتامىنوفېن (تايلىنول) ياكى ئىبۇپروفېن (ئادۋىل) (ئورالما قېپىدىكى كۆرسەتمىگە ئاساسەن) ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ.
  • بالىلارغا تۇز سۈيى تامچىسى ياكى پۈركۈمىسى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇرۇننىڭ راۋانلىشىشىغا ياردەم قىلىڭ (رېتسېپ ئۈچۈن – 9 بەتتىكى زۇكام\بۇرۇن ئېقىش دېگەن بۆلۈمگە قاراڭ)؛ قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۈچۈن تۇز سۈيى بىلەن چايقاشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك.
  • دىماغ راۋانلاشتۇرۇش دورىسى بۇرۇننىڭ ئېتىلىپ قېلىشىنى ياخشىلىشى مۇمكىن، ئەمما كېسەلنىڭ ساقىيىش ۋاقتىنى قىسقارتالمايدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ مەھسۇلاتلارنى بوۋاقلارغا ياكى ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا بەرمەڭ.

ئەسكەرتىش: يۆتەل شەربىتىدە قىزىتمىنى پەسەيتىدىغان دورا ماتېرىيالى بولۇشى مۇمكىن. بەلگىنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ ۋە دورىگەر ياكى دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، زىيادە ئىستېمال قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىڭ.

باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسنىڭ ئىككىلىسى سىنۇس ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ (ۋىرۇسلاردا 200 ھەسسە كۆپ ئۇچرايدۇ).

گال ئاغرىقى

گال ئاغرىقى كۆپىنچە زۇكام بىلەن تەڭ پەيدا بولىدۇ. گال ئاغرىقىنىڭ كۆپىنچىسىنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئانتىبىيوتىك دورىلار ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان گال ئاغرىقىغا پايدا قىلمايدۇ.
بەزى گال ئاغرىقلىرىنى Streptococcus باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر گال ئاغرىقى بۇرۇن ئېقىش، يۆتەل، قۇلاق غوڭۇلداش، كۆز قىزىرىش ياكى ئىچ سۈرۈش بىلەن بىللە بولسا، بۇ چوڭ ئېھتىمالدا باكتېرىيە سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ۋىرۇس سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.

دوختۇرىڭىز كۆز بىلەن كۈزۈتۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان گال ئاغرىقى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەيدۇ.

  • ئەگەر گال ئاغرىقى زۇكام بىلەن تەڭ كەلگەن بولسا، ئۇنى چوڭ ئېھتىمالدا ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، گالدىن ئەۋرىشكە ئېلىش تەكشۈرتۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
  • ئەگەر سىزدە زۇكام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە، دوختۇرىڭىز گالدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، گال ئاغرىقىنىڭ باكتېرىيە ياكى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى چىقارمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى مۇمكىن . سىناق نەتىجىسى ئادەتتە 48 سائەت ئىچىدە تەييار بولىدۇ.
  • ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولسا، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنى يوق، چۈنكى گال ئاغرىقىنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
  • ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولسا، دوختۇرىڭىز سىزگە ئانتىبىيوتىك دورىلارنى يېزىپ بېرىشى مۇمكىن.
  • كېسەل بولمىغان ئەھۋالدا، باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سىز بىلەن تەڭ تەكشۈرتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق.

تەدبىرلەر:

  • سۇ قاتارلىق سۇيۇقلۇقلارنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىڭ.
  • گال ئاغرىقى ۋە قىزىتما ئۈچۈن ئاتسېتامىنوفېن (تايلىنول) ياكى ئىبۇپروفېن (ئادۋىل) (ئورالما قېپىدىكى كۆرسەتمىگە ئاساسەن) نى ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ.
  • ئالتە ياش، ئۇنىڭدىن چوڭ بالىلار ۋە قورامىغا يەتكەنلەر ئۈچۈن گالنى سىيلىقلاش كۇمىلىچى (throat lozenges) نىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: بوغۇلۇپ قېلىش خەتىرى سەۋەبىدىن، كىچىك بالىلارغا گالنى سىيلىقلاش كۇمىلىچى بەرمەسلىك كېرەك.

  • چوڭراق بالىلار ۋە قورامىغا يەتكەنلەر ئىسسىق تۇز سۈيى بىلەن غار-غار قىلسا، گالنى ياخشىراق ھېس قىلدۇرىدۇ . يېرىم چاي قوشۇقى تاماق تۇزىنى 1 ئىستاكان ( 250 مىللىمېتىر) ئىلمان سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇڭ. 10 سېكۇنت غار-غار قىلىڭ . ھەر كۈنى 5- 4 قېتىم چايقىسىڭىز بولىدۇ.
  • سىز ياكى بالىڭىز ياخشىراق ھېس قىلغىنىڭلاردا، نورمال تۇرمۇشقا قايتساڭلار بولىدۇ.

قۇلاق ئاغرىقى

ئېۋستاخىيە نەيچىسى ئوتتۇرا قۇلاق بىلەن كاناينىڭ كەينىنى تۇتاشتۇرىدۇ. كىچىك بالىلاردا بۇ نەيچە تار بولغاچقا، ئۇ ئاسانلا توسۇلۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ زۇكام بولۇپ قالغاند ا. بۇ توسۇلۇش يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، قۇلىقى يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ % 80 ‑% 70 ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ ساقىيىپ كېتىدۇ . بەزى قۇلاق يۇقۇملىنىشلىرى ۋىرۇس سەۋەبىدىن بولسا، بەزىلىرى باكتېرىيە سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۈتۈش بولسا دوختۇرىڭىز تەۋسىيە قىلغان مۇۋاپىق ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىن.

ئالامەتلىرى:

  • قىزىتما
  • قۇلاق ئاغرىش
  • ئاچچىقلىنىش

ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى:

  • قولىڭىزنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇڭ ھەمدە بالىڭىزغا قول يۇيۇشنى ئۆگىتىڭ، چۈنكى قۇلاق يۇقۇملىنىشنىڭ كۆپىنچىلىرى زۇكام بولغاندىن كېيىن يۈز بېرىدۇ.
  • بالىڭىزنىڭ ئىككىنچى قول تاماكا چېكىپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭ.
  • بالىڭىزنىڭ يېتىپ تۇرۇپ ئىچىملىك ئىچىشىگە رۇخسەت قىلماڭ.

تەدبىرلەر:

  • ئاغرىق ۋە قىزىش ئۈچۈن ئاتسېتامىنوفېن (تايلىنول) ياكى ئىبۇپروفېن (ئادۋىل) (ئورالما قېپىدىكى كۆرسەتمىگە ئاساسەن) ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ.
    • ئىسسىق رەختنى قۇلاقنىڭ ئەتراپىغا قويۇڭ.
    • ئانتىھىستامىن ۋە دىماغ راۋانلاشتۇرۇش دورىلىرى قۇلاقنىڭ يۇقۇملىنىشىغا پايدا قىلمايدۇ.
    • بەزى ئەھۋاللاردا دوختۇرىڭىز بالىڭىزنىڭ قۇلىقىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئانتىبىيوتىك دورىلارنى يېزىپ بېرىشى مۇمكىن.
    • ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى چىدامچانلىق كېلىپ چىقىش خەۋىپى بولغاچقا ، قۇلاق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت ئانتىبىيوتىك بېرىش ئەمدى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

يۆتەل

قورامىغا يەتكەنلەر ۋە بالىلاردىكى كۆپىنچە يۆتەل نەپەس يولىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ (تۆۋەندىكى جەدۋەلگە قاراڭ). ئانتىبىيوتىك دورىلارنى، يۆتەل ئۈچۈن پەقەت بىماردا باكتېرىيە سەۋەبىدىن ئۆپكە ياللۇغى پەيدا بولغان ياكى كۆكرەك پەردىسى (كۆك يۆتەل) تەكشۈرۈشى مۇسبەت بولۇپ چىققان ئەھۋال ئاستىدىلا ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك.

ئالامەتلىرى:

  • قىزىش، يۆتەل ۋە كۆكرەك ئاغرىش.
  • يۆتەلگەندە سېرىق ياكى يېشىل بولغان بەلغەم چىقىرىش. بۇ ئۇنىڭ باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
  • خىرىلداش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: ۋىرۇسلۇق كانايچە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ 45 % تى 2 ھەپتىدىن كېيىنمۇ داۋاملىق يۆتىلىدۇ. 25 % بىمار 3 ھەپتىدىن كېيىنمۇ داۋاملىق يۆتىلىدۇ.

كېسەللىك

ئورۇن

ياش گۇرۇپپىسى

سەۋەبى

بوغۇز ياللۇغى

ئاۋاز پەردىسى

يېشى چوڭراق بالىلار/
قورامىغا يەتكەنلەر

ۋىرۇس

كېكىردەك ياللۇغى (Croup)

ئاۋاز پەردىسى ۋە كاناي

يېشى كىچىكرەك بالىلار

ۋىرۇس

كانايچە كېڭىيىش1

نەپەسلىنىش نەيچىسى (چوڭراق)

يېشى چوڭراق بالىلار/
قورامىغا يەتكەنلەر

ۋىرۇس

ئىنچىكە كانايچە ياللۇغى

نەپەسلىنىش نەيچىسى (كىچىك)

بوۋاقلار

ۋىرۇس

ئۆپكە ياللۇغى

ھاۋا خالتىچىلىرى

بارلىق ياش

باكتېرىيە ياكى ۋىرۇس

كۆك يۆتەل

بۇرۇندىن ئۆپكىگە

ھەر قانداق ياش

باكتېرىيە

1 ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا بەزىدە باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.

تەدبىرلەر:

  • سۇ قاتارلىق سۇيۇقلۇقلارنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىڭ.
  • يۆتەلنى پەسەيتكۈچى دورىلارنىڭ چوڭراق بالىلار ۋە قورامىغا يەتكەنلەرگە پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.
    ئەسكەرتىش: بۇ مەھسۇلاتلارنى بوۋاقلارغا ياكى ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا بەرمەڭ.
    ئەسكەرتىش: يۆتەل شەربىتىدە قىزىتمىنى پەسەيتىدىغان دورا ماتېرىيالى بولۇشى مۇمكىن. بەلگىنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ ۋە دورىگەر ياكى دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، زىيادە ئىستېمال قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىڭ.
  • ئادەتتىكى يۆتەل توختىتىش سۇيۇقلۇقى ياكى كۇمىلاچلار چوڭراق بالىلار ۋە قورامىغا يەتكەنلەرگە پايدا قىلىشى مۇمكىن . باكتېرىيەگە قارشى يۆتەل توختىتىش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى ئۇلار ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى چىدامچانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    ئەسكەرتىش: بوغۇلۇپ قېلىش خەۋىپى سەۋەبىدىن ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا يۆتەل توختىتىش سۇيۇقلۇقىنى بېرىشكە بولمايدۇ.
  • باكتېرىيەلىك ئۆپكە ياللۇغىغا كۆكرەك رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ . دىئاگنوز قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، دوختۇرلار ئادەتتە ئانتىبىيوتىك دورىلارنى يېزىپ بېرىدۇ .

كەسپىي تېببىي خادىملالار نىڭ تەكشۈرۈشىگە تېگىشلىك ئېغىر كېسەللىك ئالالامەتلىرى

بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى دوختۇر ياكى سېستىرانىڭ دىققىتىنى تەلەپ قىلىدۇ

قىزىتما

  • ئەگەر 3 ئايلىقتىن تۆۋەن بالىلاردا قىزىتما بولسا، ئۇلارنى دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.
  • ئەگەر ھەر قانداق ياشتىكى بالىلاردا قىزىتما بولۇپ بىئارام بولسا، ئۇلارنى دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.
  • ئەگەر ھەر قانداق ياشتىكى بىر بالىنىڭ قىزىتمىسى 3 كۈندىن ئېشىپ كەتسە، ئۇلارنى 24 سائەت ئىچىدە دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

قۇلاق ئاغرىقى

ئەگەر بالىنىڭ قۇلىقى ئاغرىسا ۋە تۆۋەندىكى ئالامەت كۆرۈلسە، دوختۇرغا بېرىڭ:

  • ئۇلاردا يۇقىرى قىزىتما بولسا؛ ياكى
  • ئۇلار بىئارام كۆرۈنسە؛ ياكى
  • ئۇلارنىڭ قۇلىقىنىڭ ئارقىسىدا قىزىرىش ياكى ئىششىق كۆرۈلسە؛ ياكى
  • ئۇلارنىڭ قۇلىقى ئالدىغا سۈرۈلگەن بولسا؛ ياكى
  • ئۇلارنىڭ قۇلاق ئاغرىقى ئاتسېتامىنوفېن (تايلىنول)/ئىبۇپروفېن (ئادۋىل) ئىشلەتكەندىن كېيىنكى 24 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتىمۇ ئېغىر ھالەتتە تۇرسا.

قىزىتمىسى ياكى باشقا كېسەللىكلىرى بار قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىرلاشسا ياكى ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر بولسا، ھەر دائىم چوقۇم دوختۇر ياكى سېستىرادىن مەسلىھەت سوراشنى ئويلىشىش كېرەك.

ئالبېرتادا ئەگەر سىز تىببىي مەسلىھەتكە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، »Health Link« گە ( 811 ئارقىلىق) تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ.

بالىلاردىكى ساغلاملىق مەسىلىسى توغرىسىدىكى قوللىنىشچان مەسلىھەت ئۈچۈن ahs.ca/heal نى زىيارەت قىلىڭ، بۇ تور بېكەت بولسا Stollery Children’s Hospital تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ئاممىۋى ئۇچۇر مەنبەسى.

جىددىي كېسەللىك ئەھۋالى ئالالامەتلىرى

ئەگەر سىز ياكى سىز كۈتۈۋاتقان بىرەيلەندە بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ

قىزىتما

تۆۋەندىكى ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ:

  • ھەر قانداق ياشتىكى قىزىتمىسى بار كىشى ئىنتايىن ئاچچىقلانسا ياكى خامۇشلىنىپ قالسا )ئويغىتىش ياكى سەگەك تۇرۇشى تەس بولسا(، قايتا-قايتا قۇسۇش ئالامىتى كۆرۈلسە، بوينى قېتىپ قالسا ياكى چوڭ تاشما پەيدا بولۇپ، تاشما بار يەرنى باسقاندا رەڭگى ئۆڭمىسە (قارىماققا كىچىكرەك زەخىمگە ئوخشاپ قالسا).

نەپەسلىنىش

تۆۋەندىكى ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ:

  • ھەر قانداق ياشتىكى بېمارنىڭ نەپەس ئېلىشى قېيىنلاشسا (بۇرۇن توسۇلۇشىدىن كېلىپ چىقمىغان ئەھۋالد ا).
  • بېمارنىڭ نەپەس ئېلىشى ئادەتتىكىدىن بەك تېز ياكى بەك ئاستا بولسا، ياكى لېۋى، قولى ياكى پۇتى كۆكۈرۈپ قالسا.

ئادەتتىكى ئەھۋال

تۆۋەندىكى ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ:

  • ھەر قانداق ياشتىكى بىمارنىڭ ئويغىنىشى قېيىنلاشسا ياكى سەگەك تۇرالمىسا ياكى نورمال ھالەتكە قارىغاندا تېخىمۇ گاڭگىراپ تۇرسا، ئاسان ئاچچىقلانسا ياكى جىلە بولسا، قويۇپ بەرمەيدىغان ئېغىر باش ئاغرىقى بولسا، بويۇن قىسمى قاتتىق قېتىپ كەتسە، تېرىسى تاتىرىپ كەتسە ياكى ئىنتايىن سۇس كۆرۈنسە ياكى تەگكەندە سوغۇق ھېس قىلىنسا.
  • بىماردا تېرە قۇرغاقلىشىش، ئېغىز قۇرغاقلىشىش، بوۋاقلارنىڭ يۇمشىقىنىڭ (مېڭە لىبىلدىقىنىڭ) ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى ياكى ئىنتايىن ئاز بولغان سۈيدۈك قاتارلىق سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى بار بولسا.

دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى تەلەپ قىلىدىغان باشقا سەۋەبلەر:

  • بىمارنىڭ نەرسە يۇتۇشى قېيىنلاشسا ياكى ھەددىدىن زىيادە شۆلگەي ئېقىپ چىقس ا.
  • ھەر قانداق ياشتىكى بىمار ئادەمدە پالەچ، ھەرىكەت قىلالماسلىق ياكى تۇتقاقلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە .

بۇ ئۇچۇرلار پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلگەن . ھەر قانداق ۋاقىتتا، دوختۇر ياكى سېستىرا بىلەن سۆزلىشىش كېرەك بارمۇ يوقمۇ دېگەن مەسىلىدە چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ بىلىمى ۋە ھۆكۈمىڭىزنى ئىشلىتىشىڭىز كېرەك.

ئالبېرتادا ئەگەر سىز تىببىي مەسلىھەتكە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، »Health Link« گە ( 811 ئارقىلىق) تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى چىدامچانلىق

ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى چىدامچانلىق دېگەن نېمە؟

  • ھەرقانداق ئانتىبىيوتىك دورىنى ئىشلەتكەندە، مەيلى توغرا ياكى خاتا مەقسەتتە ئىشلىتىلگەن بولسۇن، ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى چىدامچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى چىدامچانلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغاندىلا ئىشلىتىش كېرەك.
    • ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى چىدامچانلىق بولسا باكتېرىيەنىڭ بىر خىل مۇداپىئە مىخانىزىمى بولۇپ، ئانتىبىيوتىك مەۋجۇت بولغان ئەھۋالدىمۇ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق ياشاش ۋە كۆپىيىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى چىدامچانلىق ئىقتىدارى بار باكتېرىيە بەزىدە « دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيە » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
  • ئەگەر باكتېرىيەلەردە ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى چىدامچانلىق ئىقتىدارى بولسا، ئىلگىرى ئۇلارغا
    ئىشلىگەن ئانتىبىيوتىك دورىلار ئەمدى كار قىلمايدۇ.
  • ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى چىداملىق باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملىنىشنى داۋالاش قىيىن، ۋە
    بەزىدە داۋالاش مۇمكىن ئەمەس. بۇ كېسەللىكنىڭ ئۇزۇنغا سۈرۈلۈپ كېتىشىنى ۋە بەزىدە ئۆلۈمنى
    كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
  • ئېسىڭىزدە بولسۇن، باكتېرىيە چىداملىق – سىز ئەمەس! ئەزەلدىن ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ
    باقمىغان ئىنتايىن ساغلام كىشىلەرمۇ باشقا مەنبەلەردىن ئانتىبىيوتىك دورىغا چىداملىق باكتېرىيە بىلەن
    يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.

ئانتىبىيوتىك دورىلارنىڭ زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام ۋە كانايچە ياللۇغى (كۆكرەك زۇكام) قاتارلىق ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىشلارغا پايدىسى يوق. بۇ يۇقۇملىنىشلارغا ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى چىدامچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟

  • سىز ياكى بالىڭىز، زۇكام ياكى يۆتەل بولغاندا ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلماڭ. بۇ يۇقۇملىنىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ۋىرۇسلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئانتىبىيوتىك دورىلارنىڭ ئۈنىمى يوق.
  • دوختۇرىڭىز بىلەن يۇقۇملىنىشىڭىزنىڭ ۋىرۇسلۇق ياكى باكتېرىيەلىك ئىكەنلىكى ۋە ئانتىبىيوتىك دورىنىڭ لازىم ياكى ئەمەسلىكىنى مەسلىھەتلىشىڭ.
  • سىزدە (ياكى بالىڭىزدا) زۇكام ئالامەتلىرى، يۆتەل ياكى گال ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە سەۋر قىلىڭ. چۈنكى كۆپىنچە ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ياخشىلىنىشىغا 5- 4 كۈن، تولۇق ئەسلىگە كېلىشىگە 3 ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتىدۇ.
  • سوغۇق ياكى زۇكام مەزگىلىدە، قولىڭىزنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، كېسەل بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. قولنى قانداق يۇيۇش ھەققىدىكى تەپسىلىي تەۋسىيە ئۈچۈن كېيىنكى بەتنى كۆرۈڭ.

ئالاھىدە چىدامچان باكتېرىيە بىلەن كۈرەش قىلىشتىن ساقلىنىڭ. ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئاقىلانە ئىشلىتىڭ!

قول يۇيۇش

قول يۇيۇش يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. كۆپ ئۇچرايدىغان يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ % 80 ى قول ئارقىلىق تارقىلىدۇ.

قولىڭىزنى قانداق ۋاقىتتا يۇيۇش كېرەك:

  • تاماقتىن بۇرۇن
  • يېمەكلىك تەييارلاشتىن ئىلگىرى، تەييارلاش جەريانىدا ۋە كېيىن
  • بالا ئېمىتىشتىن ئىلگىرى
  • ھاجەتخانىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ياكى بالىنىڭ ھاجەتخانىنى ئىشلىتىشىگە ياردەم بەرگەندىن كېيىن
  • زاكا ياكى ئاياللار تازىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە
  • بۇرنىڭىزنى مىشقىرتقاندىن كېيىن ياكى بالىنىڭ بۇرنىنى سۈرتكەندىن كېيىن
  • باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقان نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن
  • يۇشۇرۇن كۆزئەينەك لىنزىسىنى تاقاش ياكى ئېلىۋېتىشتىن بۇرۇن
  • كېسەل بولۇپ قالغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە
  • ھايۋانغا تېگىش، بېقىش ياكى ھايۋانات چىقىرىندىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن
  • چىش چوتكىلاشنىڭ ئالدى-كەينىدە

قولنى قانداق يۇيۇش كېرەك:

  1. سوپۇن ۋە سۇ ئىشلىتىڭ . پەقەت سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىقلا مىكروبتىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.
  2. قولىڭىزنى نەمدەڭ.
  3. ئادەتتىكى سوپۇن ئىشلىتىڭ. باكتېرىيەگە قارشى تۇرىدىغان سوپۇن ئىشلەتمەڭ.
  4. قوللىرىڭىزنى ئەڭ ئاز 20 سېكۇنت ئۇۋۇلاڭ (ياكى جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار نى ئېيتىپ تۈگىگىچە يۇيۇڭ). بارمىقىڭىز، باشمالتىقىڭىز، قولىڭىزنىڭ دۈمبىسى، بېغىشىڭىز، بارمىقىڭىزنىڭ ئۇچلىرى، تىرناقلىرىڭىز ۋە ئالقانلىرىڭىز قاتارلىق قولىڭىزدىكى بارلىق جايلارنى تەپسىلىي ئۇۋۇلاڭ.
  5. قولىڭىزنى 10 سېكۇنت چايقاڭ.
  6. پاكىز لۆڭگە بىلەن قولىڭىزنى ئوبدان قۇرۇتۇڭ.

مۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك:

  • دوختۇر، چىش دوختۇرى، سېستىرا ۋە داۋالىغۇچىلارنىڭ سىزنى ياكى بالىڭىزنى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن قوللىرىنى يۇيۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلىڭ.
  • بالىڭىزنىڭ مەكتىپى ۋە خىزمەت ئورنىڭىزدا ئادەتتىكى سوپۇننىڭ بارلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.
  • بالا بېقىش ئورۇنلىرىدا چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ قوللىرىنى يۇيۇش ئورنىنىڭ بارلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.
  • ئادەتتىكى سوپۇن ئىشلىتىڭ. ئادەتتىكى سوپۇن، باكتېرىيەگە قارشى سوپۇنغا ئوخشاش ئۈنۈملۈك . باكتېرىيەگە قارشى سوپۇن تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ باكتېرىيەلەرنىڭ چىدامچانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئادەتتىكى سوپۇنچىلىك ئۈنۈملۈك بولماي قالىدۇ .
  • مىسال ئارقىلىق ئۆگىتىڭ.
Screen Shot 2022-11-15 at 9.16.23 AM

ئاغرىغان ھامان ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەكمۇ , يۇقۇملۇق كېسەللەرنى تىزگىنلەش ,

Alberta Health Services.

DBND@ahs.ca

www.dobugsneeddrugs.org

© 2022 Alberta Health Services,

Provincial Population & Public Health

بۇ ئەسەر بىلىم ئورتاقلىشىش ئەھدىنامىسى-تاپاۋەتسىز مەقسەتتە ئىشلىتىش خەلقئارالىق ئىجازەتنامىسى
Creative Commons Attribution-Non-Commercial-Sharealike 4.0 International license گە ئاساسەن ئىجازەتلەندى. بۇ ئىجازەتنامىنى كۆرۈش ئۈچۈن، /https://creativecommons.org/licenses/by-nc-sa/4.0 گە قاراڭ. سىز بۇ ئەسەرنى Alberta Health Services گە تەۋە قىلغان ئاساستا، باشقا ئىجازەت شەرتلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئەسەرنى تىجارەت خاراكتېرلىك بولمىغان مەقسەتتە كۆپەيتەلەيسىز، تارقىتالايسىز ۋە ماسلاشتۇرالايسىز. ئەگەر سىز بۇ ئەسەرنى ئۆزگەرتسىڭىز، ئالماشتۇرسىڭىز ياكى يېڭىدىن قۇرسىڭىز، نەتىجىلەنگەن ئەسەرنى پەقەت ئوخشاش، ئوخشىشىدىغان ياكى ماس كېلىدىغان ئىجازەتنامە ئاستىدا تارقىتالايسىز. بۇ ئىجازەتنامە Alberta Health Services نەشر ھوقۇقى ئىگىسى بولمىغان AHS ماركىسى، بەلگىسى ياكى مەزمۇنىغا تەتبىقلاشقا ماس كەلمەيدۇ.

جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش باياناتى:

بۇ ماتېرىيال پەقەت ئاممىباب ئۇچۇرلارنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، « شۇ بولغىنى بويىچە « ،» شۇ بولغان يەردە » دېگەن ئاساستا تەمىنلەنگەن. گەرچە ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇۋاپىق تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، Alberta Health Services بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن بولغان توغرىلىقى، ئىشەنچلىكلىكى، مۇكەممەللىكى، قوللىنىشچانلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ۋەكىللىك ياكى كاپالەت بەرمەيدۇ. بۇ ماتېرىيال لاياقەتلىك ساغلاملىق كەسپىي خادىملىرىنىڭ مەسلىھەتلىرىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. Alberta Health Services بۇ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشتىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ۋە بۇ خىل ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان تۆلەم، ھەرىكەت، تەلەپ ياكى دەۋا تەلىپىنى ئوچۇق-ئاشكارە رەت قىلىدۇ.

Share the Guide

Facebook
Twitter
Email
WhatsApp